QuranQuiz bySALSABIL STUDIO
Open the appOpen app

سورة الشمس

Surah Ash-Shams in Uyghur

15 ayat · Meccan · Surah 91 of 114

🌐 Translation: ئۇيغۇرچە

Englishالعربية (بلا ترجمة)اردوBahasa IndonesiaBahasa MelayuTürkçeFrançaisDeutschEspañolPortuguêsItalianoNederlandsРусскийفارسیবাংলাहिन्दीSoomaaliKiswahiliHausaShqipBosanskiAzərbaycancaOʻzbekcha中文日本語한국어ภาษาไทยTiếng ViệtTagalogپښتوPolskiSvenskaNorskSuomiČeštinaRomânăБългарскиУкраїнськаעבריתதமிழ்മലയാളംతెలుగుमराठीગુજરાતીनेपालीසිංහලঅসমীয়াسنڌيدریKurdîދިވެހިئۇيغۇرچەአማርኛAfaan OromooYorùbáKinyarwandaBamanankanChiyaoTamaziɣtMëranawТоҷикӣҚазақшаТатарчаភាសាខ្មែរEnglish (Abdel Haleem)

Translation: Muhammad Saleh

بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ

وَٱلشَّمْسِ وَضُحَىٰهَا ﴿١﴾

91:1 قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى،

وَٱلْقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا ﴿٢﴾

91:2 قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،

وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا ﴿٣﴾

91:3 قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،

وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰهَا ﴿٤﴾

91:4 قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،

وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا ﴿٥﴾

91:5 ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،

وَٱلْأَرْضِ وَمَا طَحَىٰهَا ﴿٦﴾

91:6 زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،

وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّىٰهَا ﴿٧﴾

91:7 نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،

فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَىٰهَا ﴿٨﴾

91:8 نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،

قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّىٰهَا ﴿٩﴾

91:9 نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.

وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا ﴿١٠﴾

91:10 نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.

كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَىٰهَآ ﴿١١﴾

91:11 سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى.

إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشْقَىٰهَا ﴿١٢﴾

91:12 ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى.

فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقْيَـٰهَا ﴿١٣﴾

91:13 ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى.

فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمْ فَسَوَّىٰهَا ﴿١٤﴾

91:14 ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى.

وَلَا يَخَافُ عُقْبَـٰهَا ﴿١٥﴾

91:15 ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ.

Do you really know Surah Ash-Shams by heart?

A short test shows exactly where you slip. No sign-up, free.

Start the test

Hear Surah Ash-Shams from all 90 reciters →