بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ ﴿١﴾
86:1 ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن.
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ ﴿٢﴾
86:2 تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ٱلنَّجْمُ ٱلثَّاقِبُ ﴿٣﴾
86:3 ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر.
إِن كُلُّ نَفْسٍ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ ﴿٤﴾
86:4 ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار.
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ مِمَّ خُلِقَ ﴿٥﴾
86:5 ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن.
خُلِقَ مِن مَّآءٍ دَافِقٍ ﴿٦﴾
86:6 ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى.
يَخْرُجُ مِنۢ بَيْنِ ٱلصُّلْبِ وَٱلتَّرَآئِبِ ﴿٧﴾
86:7 ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.
إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجْعِهِۦ لَقَادِرٌ ﴿٨﴾
86:8 شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر.
يَوْمَ تُبْلَى ٱلسَّرَآئِرُ ﴿٩﴾
86:9 سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ ﴿١٠﴾
86:10 ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر.
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجْعِ ﴿١١﴾
86:11 يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،
وَٱلْأَرْضِ ذَاتِ ٱلصَّدْعِ ﴿١٢﴾
86:12 يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،
إِنَّهُۥ لَقَوْلٌ فَصْلٌ ﴿١٣﴾
86:13 قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،
وَمَا هُوَ بِٱلْهَزْلِ ﴿١٤﴾
86:14 ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر.
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا ﴿١٥﴾
86:15 ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ.
وَأَكِيدُ كَيْدًا ﴿١٦﴾
86:16 مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن.
فَمَهِّلِ ٱلْكَـٰفِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًۢا ﴿١٧﴾
86:17 (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن).