بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
إِذَا ٱلشَّمْسُ كُوِّرَتْ ﴿١﴾
81:1 كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتْ ﴿٢﴾
81:2 يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ سُيِّرَتْ ﴿٣﴾
81:3 تاغلار گۇمران بولغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْعِشَارُ عُطِّلَتْ ﴿٤﴾
81:4 بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
وَإِذَا ٱلْوُحُوشُ حُشِرَتْ ﴿٥﴾
81:5 ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْبِحَارُ سُجِّرَتْ ﴿٦﴾
81:6 دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتْ ﴿٧﴾
81:7 جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْمَوْءُۥدَةُ سُئِلَتْ ﴿٨﴾
81:8 تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
بِأَىِّ ذَنۢبٍ قُتِلَتْ ﴿٩﴾
81:9 تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتْ ﴿١٠﴾
81:10 نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتْ ﴿١١﴾
81:11 ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجَحِيمُ سُعِّرَتْ ﴿١٢﴾
81:12 دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ ﴿١٣﴾
81:13 جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
عَلِمَتْ نَفْسٌ مَّآ أَحْضَرَتْ ﴿١٤﴾
81:14 ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ.
فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلْخُنَّسِ ﴿١٥﴾
81:15 كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
ٱلْجَوَارِ ٱلْكُنَّسِ ﴿١٦﴾
81:16 كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
وَٱلَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ ﴿١٧﴾
81:17 قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
وَٱلصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ ﴿١٨﴾
81:18 يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن.
إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ ﴿١٩﴾
81:19 قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر.
ذِى قُوَّةٍ عِندَ ذِى ٱلْعَرْشِ مَكِينٍ ﴿٢٠﴾
81:20 ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر.
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ ﴿٢١﴾
81:21 پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.
وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍ ﴿٢٢﴾
81:22 سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر.
وَلَقَدْ رَءَاهُ بِٱلْأُفُقِ ٱلْمُبِينِ ﴿٢٣﴾
81:23 ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى.
وَمَا هُوَ عَلَى ٱلْغَيْبِ بِضَنِينٍ ﴿٢٤﴾
81:24 ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر.
وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَـٰنٍ رَّجِيمٍ ﴿٢٥﴾
81:25 ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر.
فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ ﴿٢٦﴾
81:26 قەيەرگە بارىسىلەر؟
إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٧﴾
81:27 ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر.
لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ ﴿٢٨﴾
81:28 سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر.
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٩﴾
81:29 پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە.